تاموژنا كېنىشكىسى دېگىنىمىز : ئىمپورت-ئېكسپورت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلار ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە قائىدىلەردىكى تەلەپ بويىچە، بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئېچىدە ، ئورۇندا، بەلگىلەنگەن شەكىلدە، سودا مىنىستىرلىقى، تاموژنا تارمىقى قاتارلىق تارماقلارغا رويخەتكە ئالدۇرۇشقا كېرەكلىك ماتىرىيال ۋە ئىجازەت بېرىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.
تاموژنا گۇۋاھنامىسى بېجىرىشتىن بۇرۇن :
بىرىنچى قەدەمدە ،ئالدى بىلەن تاشقى سودا تىجارەتچىلىرىنى ئەنگە ئالدۇرۇشكېنىشكىسىنى بېجىرىش كېرەك؛ ئالدى بىلەن توردا ئىلتىماس قىلىش، تەكشۈرۈش تەستىقلاشتىن ئۆتكەندىن كېيىن سودا ئشلىرى ئىدارىسىغا بېرىپ قەغەز ماتېرىيال تاپشۇرۇپ (توردا ئىلتىماس قىلغاندا تولدۇرغان تاشقى سودا تىجارەتچىلىرىنىڭ ئەنگە ئېلىش جەدۋىلىنى بېسىپ چىقىرىپ تامغا باسىمىز، تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىغا تامغا باسىمىز، قانۇنىي ۋەكىلىنىڭ كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىغا تامغا باسىمىز، بېجىرگۈچىنىڭ كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىغا تامغا باسىمىز، تەرجىمە ماتېرىيالىغا تامغا باسىمىز، ئىلتىماسقا تامغا باسىمىز، ھوقۇق بېرىش ھاۋالىنامىسىگە تامغا باسىمىز) ، تاشقى سودا تىجارەتچىسىنىڭ ئەنگە ئالدۇرۇش جەدۋىلىنى ئېلىۋالساق بولىدۇ.
ئىككىنچى قەدەمدە، تاموژنىغا مەلۇم قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ ئەنگە ئالدۇرۇش ئۇچۇر قەغىزى (تاموژنا كېنىشكىسى) بېجىرىلىدۇ: يەنى ئالدى بىلەن توردا ئىلتىماس قىلىپ، تەكشۈرۈش تەستىقلاشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى-سانجى تاموژنا ئىشلىرىنى بېجىرىش ئورنىغا بېرىپ قەغەز ماتېرىيال (تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىغا تامغا باسىمىز، قانۇن ۋەكىلىنىڭ كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىغا تامغا باسىمىز، بېجىرگۈچىنىڭ كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىغا تامغا باسىمىز، تاشقى سودا تىجارەتچىسىنىڭ ئەنگە ئالدۇرۇش جەدۋىلىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىغا تامغا باسىمىز، ھوقۇق بېرىش ھاۋالىنامىسىگە تامغا باسىمىز) ، تاموژنىغا مەلۇم قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ ئۇچۇر قەغىزىنى ئېلىۋالساق بولىدۇ.
ئەڭ ئاخىرقى قەدەمدە ئېلېكترونلۇق پورت كارتىسى بېجىرىمىز:
توردا ئىلتىماس قىلىپ تەكشۈرۈش تەستىقلاشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، قەغەز ماتېرىيال (تاشقى سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئەنگە ئالدۇرۇش جەدۋىلىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىغا تامغا باسىمىز، تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىغا تامغا باسىمىز، قانۇنىي ئىگىنىڭ كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىغا تامغا باسىمىز، بېجىرگۈچىنىڭ كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىغا تامغا باسىمىز، تاموژنىغا مەلۇم قىلغان ئورۇننىڭ ئەنگە ئالدۇرۇش قەغىزىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىغا تامغا باسىمىز) تاپشۇرۇپ كارتىنى ئېلىۋالساق بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: ئىلىكتىرونلۇق پورت كارتىسىنى ئالغاندا، ئىلتىماس قىلغان ۋاقىتتا قايسى كارتا ئىشلەش ئورنىنى تاللىغان بولساق شۇ ئورۇنغا بارىمىز.
يۇقىرىدا دېيىلگەن ماتېرىياللار تاشقى سودا تىجارەتچىلىرىنىڭ ئەنگە ئالدۇرۇش تىزىملاش جەدۋىلى، تاموژنىغا مەلۇم قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ ئەنگە ئېلىش ئۇچۇر قەغىزى، ئېلېكترونلۇق پورت كارتىسىنى بېجىرىشتە بىر تۇتاش تەلەپ قىلىنىدىغان ماتېرىيال ، بىر گۇۋاھنامىنى بېجىرىپ بولۇپ، كېيىنكى گۇۋاھنامىنى بېجىرىشكە بارغاندا بېجىرىپ بولغان گۇۋاھنامىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك.
发表评论 取消回复