ئىستېمال بېجى ئالاھىدە ئىستېمال بۇيۇملىرى ۋە ئىستېمال ھەرىكەتلىرىدىن ئېلىنىدىغان ۋاسىتىلىك باج. ئىستېمال بېجى تاپشۇرغۇچى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش، ھاۋالە بىلەن »ئىستېمال بېجى ۋاقىتلىق نىزامى «دا بەلگىلەنگەن ئىستېمال بۇيۇملىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان ۋە ئىمپورت قىلىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى، شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەن بېكىتكەن »ئىستېمال بېجى ۋاقىتلىق نىزامى« دا بەلگىلەنگەن ئىستېمال بۇيۇملىرىنى ساتىدىغان باشقا ئورۇن ۋە شەخسلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ئىستېمال بېجى تاپشۇرغۇچى ھېسابلىنىدۇ. ئىستېمال بېجى ئېلىش دائىرىسى باج ئېلىنىدىغان ئىستېمال بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، باج ئېلىنىدىغان ئىستېمال بۇيۇملىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشنى ھاۋالە قىلىش، باج ئېلىنىدىغان ئىستېمال بۇيۇملىرىنى ئىمپورت قىلىش، باج ئېلىنىدىغان ئىستېمال بۇيۇملىرىنى پارچە سېتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىستېمال بۇيۇملىرى ئادەتتە (1) تاماكا (2) ھاراق (3) ئالىي دەرىجىلىك گىرىم بۇيۇملىرى (4) قىممەتلىك زىننەت بۇيۇملىرى ۋە ئۈنچە-مەرۋايىت، قاشتېشى (5) پوجاڭزا، ساليوت (6) تەييار ماي (7) موتسىكلىت (8) كىچىك ئاپتوموبىل (9) گولف توپ ۋە شارىك ئەسۋابى (10) ئالىي قول سائىتى (11) ساياھەت كېمىسى (12) ياغاچتىن ياسالغان بىر قېتىملىق چوكا (13) ھەقىقىي ياغاچ پول (14) باتارېيە
ئىستېمال بېجىدا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسى ئۈچ خىلغا ئايرىپ ھېساپلىنىدۇ: (1) باھاغا قاراپ ھېساپلاش (2) مىقدارغا قاراپ ھېساپلاش (3) شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغاننى ھېساپلاش (4) ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا ھېساپلاش.
باج تاپشۇرۇش مۇددىتى:
ئىستېمال بېجى تاپشۇرۇش مۇددىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىر كۈن،ئۈچ كۈن،بەش كۈن،10كۈن،15 كۈن ، بىر ئاي ياكى بىر پەسىل بولىدۇ، باج تاپشۇرغۇچىنىڭ كونكرېت باج تاپشۇرۇش مۇددىتى باج ئورگىنى باج تاپشۇرغۇچى تاپشۇرىدىغان باج سوممىسىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە قاراپ ئايرىم بېكىتىدۇ، بەلگىلەنگەن مۇددەتتە باج تاپشۇرۇشقا بولمىسا قېتىم بويىچە باج تاپشۇرۇشقا بولىدۇ ،باج تاپشۇرغۇچى بىر ئاي ياكى بىر پەسىلنى بىر باج تاپشۇرۇش مۇددىتى قىلسا بولىدۇ، مۇددىتى توشقان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە باج تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، بىر كۈن،ئۈچ كۈن،بەش كۈن،10كۈن،15 كۈن بىر باج تاپشۇرۇش مۇددىتى بولىدۇ ،قەرەلى توشقان كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە ئالدىن باج تاپشۇرىدۇ، كېيىنىكى ئاينىڭ -1كۈنىدىن -15كۈنىگىچە باج تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىدۇ ھەمدە ئالدىنقى ئايدا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج پۇلىنى تولۇق تاپشۇرىدۇ، باج تاپشۇرغۇچى باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىستېمال بۇيۇملىرىنى ئىمپورت قىلىپ، تاموژنا ئورگىنى تاموژنا ئىمپورت ئىستېمال بېجى مەخسۇس تاپشۇرۇش كىنىشكىسىنى تارقاتقان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە باج تاپشۇرۇشى كېرەك.
ئىستېمال بېجىنى مەلۇم قىلىش
باج تاپشۇرغۇچى تولدۇرغان ئىستېمال بېجى تاپشۇرۇش مەلۇمات جەدۋىلى، قوشۇمچە جەدۋەل ۋە تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى ئېلىپ، باج بېجىرىش مۇلازىمەت زالىنىڭ باج تاپشۇرۇش كۆزنىكىگە ئىلتىماس قىلىدۇ. ياكى توردا يىراق مۇساپە ئارقىلىق قۇرۇلغان ئېلېكترونلۇق مەلۇمات جەدۋىلىنى يوللايدۇ.
باج تاپشۇرغۇچىلار باج بېجىرىش مۇلازىمەت زالىغا بېرىپ باج تاپشۇرۇش كۆزنىكى ئىلتىماس قىلغاندا يەنە مەلۇم قىلقشقا تېگىشلىك ماتېرياللار:
1) سىرتتىن سېتىۋالغان باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى ئۇدا ئىشلەپ چىقىرىلغان باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى بولسا، سىرتتىن سېتىۋالغان باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجى مەخسۇس تالونى )توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش بېتى( نىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ۋە كۆپەيتىلمىسى. ئەگەر سىرتتىن سېتىۋېلىنغان باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجى مەخسۇس تالونى جەملەپ تولدۇرۇلغان بولسا، قوشۇلما قىممەت بېجى مەخسۇس تالونى )توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش بېتى(نىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ۋە كۆپەيتىلمىسى بىلەن تەمىنلىگەندىن سىرت، يەنە قوشۇلما قىممەت بېجى مەخسۇس تالونى بىلەن بىللە ئېرىشكەن، ساتقۇچى تەرەپ كېسىپ بەرگەن ھەمدە مالىيە مەخسۇس تامغىسى ياكى تالون مەخسۇس تامغىسى بېسىلغان مال سېتىش تىزىملىكىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ۋە كۆپەيتىلمىسى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. (2) باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىستېمال بۇيۇملىرىنى پىششىقلاشنى ھاۋالە قىلىپ ئۇدا ئىشلەپچىقارغان باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىستېمال بۇيۇملىرىنى يىغىۋالغانلارنىڭ» باج پۇلىنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ قېلىش، ۋاكالىتەن ئېلىش ئىسپاتى «نىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ۋە كۆپەيتىلمىسى. (3) ئىمپورت قىلىنغان باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى ئۇدا ئىشلەپ چىقىرىلغان باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى» تاموژنا ئىمپورت ئىستېمال بېجى مەخسۇس تاپشۇرۇش قەغىزى «نىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ۋە كۆپەيتىلمىسى
(4) باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى ئىستېمال بېجىنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرۇش مەلۇمات جەدۋىلى(5) ئىمپورت ئۈزۈم ھارىقى ئىستېمال بېجىنى كەچۈرۈم قىلغان باج تاپشۇرغۇچىلار يەنە تاموژنا ئىمپورت ئىستېمال بېجى مەخسۇس تاپشۇرۇش قەغىزى نىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى يوللىشى كېرەك (6) تاش مېڭە مېيىنىڭ ئىستېمال بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدىغان ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى يەنە تاش مېڭە مېيىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش ئىسپاتى (7) باج ئورگىنى يوللاشنى تەلەپ قىلغان باشقا ماتېرىياللارنى يوللىشى كېرەك.
توردا يىراق مۇساپىلىك ئىلتىماس قىلىشقا توغرا كەلسە، يەنە بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئاساسلىق باشقۇرغۇچى باج ئىدارىسىنىڭ باج بېجىرىش مۇلازىمەت زالىدا توردا مەلۇم قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان قەغەز ئىلتىماس جەدۋىلى ۋە ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى بېسىپ چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ.
发表评论 取消回复