
قانۇن بويىچە باج تاپشۇرۇش ھەربىر پۇقرانىڭ مەجبۇرىيىتى. پۇقرالار دۆلەتكە باج تاپشۇرۇشىنىڭ تۈپكى سەۋەبى بولسا: باج – دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ئاساسى ،يەنى باج كىرىمى دۆلەت مالىيە كىرىمىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەنبەسى .
باج خەلىقتىن ئېلىنىپ، خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ .
بۇ دېگەنلىك پۇقرالار باج تاپشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا دۆلەت تەمىنلىگەن ھەرخىل پاراۋانلىق ئىشلىرىدىن بەھرىمان بولالايدۇ. مەسلەن: داۋالىنىش ، سۇغۇرتا، مائارىپ تەربىيلىنىش قاتارلىقلاردىن بەھرىمان بولىمىز .ئۇندىن باشقا يەنە تەبئىي ئاپەت يۈز بەرگەندە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ،ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ يۇرت – ماكانىنى قايتا قۇرۇپ چىقىش ئىشلىرىدا ، پۇقرالارنىڭ ئازغىنە ئىئانىسى بىلەن بۇ ئىشلارنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ ، بۇنداق ۋاقىتتا دۆلەتنىڭ باجدىن كىرگەن كىرىمى دەل مۇشۇ ئىشلارغا ئىشلىتىلىدۇ .
دېمەك ،دۆلەتنىڭ باج كىرىمى ئاممىۋى ئەسلىھە قۇرلۇشى ،دۆلەت مۇداپىئە قۇرلۇشى ،جەمىئەت ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرى، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق ،سۇچىلىق ئىشلىرى قاتارلىق ساھەلەرگە ئىشلىتىلىدۇ .
دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، خەلق تۇرمۇشنىڭ ئاسايىشلىقى باجدىن ئايرىلالمايدۇ.
شۇڭلاشقا باج تاپشۇرۇش دۆلەتكە جاۋاپ قايتۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى .

发表评论 取消回复