
1. شىركەت تىجارەتنى توختاتقاندا، باج ئىشلىرى دائىم مۇشۇ ۋاقىتتا ھېسابات تەكشۈرىدۇ، شۇڭا ۋاكالىتەن ھېسابات خاتىرىلەيدىغان كەسپىي ئۇرۇننى تېپىپ ھېساباتنى رەتلىتىش كېرەك .
2. كارخانا ئىلگىرى پەقەت ئۆلچەملىك ھېسابات تۇرغۇزماي، پەقەت باج مەلۇم قىلغان بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر باشقا پايچىكلار شىركەتنىڭ ئەمەلىي تىجارەت ئەھۋالىنى بىلمەكچى بولسا، كارخانىنىڭ بارلىق ھېساباتلىرىنى قايتىدىن رەتلەپ ئۆلچەملەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
3. شىركەت ئۇزۇن مەزگىل ئەستايىدىل ھېسابات قىلمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە باج ئىدارىسى تەرىپىدىن ۋاقىتلىق تاقىۋېتىلگەن بولسا، يېڭىدىن ئىلتىماس قىلىپ ئاچسىمۇ ۋاكالىتەن ھېسابات قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
4. شىركەت رەھبەرلىرى ئەسلىدىكى مالىيە ھېساباتىدىن رازى بولمىسا، مالىيە ھېساباتىدىكى خاتالىق كۆپ بولسا، كونا ھېسابنى رەتلەشكە توغرا كېلىدۇ.
كونا ھېسابنى رەتلەش مۇلازىمەت مەزمۇنى:
قالايمىقان، ئېنىق بولمىغان قالايمىقان ھېساب، كونا ھېسابنى ئېنىقلاپ ۋە رەتلەپ، كارخانىنىڭ بوغالتىرلىق مەزگىلىدىكى مالىيە ئەھۋالى ۋە تىجارەت نەتىجىسىنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈش، باج خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلىتىش ، كارخانىنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئۈچۈن قېلىپلاشقان بوغالتىرلىق ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەش، كارخانىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى ۋە باجغا ئالاقىدار ئىشلارنى بېجىرىشى ئۈچۈن ئاساس بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
(1) كونا ھېساۋات مەزگىلىدىكى تۈرلۈك ئىقتىسادىي كەسىپلەردە بوغالتىرلىق ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ توغرا بولغان-بولمىغانلىقى، تەننەرخ خىراجىتىنى ھېساپلاشنىڭ مۇۋاپىق بولغان-بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش، تەستىقلاش؛
(2) بوغالتىرلىق تۈزۈمىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، كونا ھېساۋاتتىكى خاتا بولغان بوغالتىرلىق تەپەككۇرى ۋە ھېسابلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى تەڭشەش، تۈزىتىش، تولۇقلاش؛
(3) تەننەرخنى قايتىدىن ھېساپلاش، پايدا-زىياننى ھېسابلاپ چىقىرىپ، يېڭى مالىيە جەدۋىلى تۈزۈش (مۈلۈك - قەرز جەدۋىلى، پايدا جەدۋىلى) ؛
4. كۈندىلىك مالىيە باشقۇرۇش تەكلىپى ۋە باج پىلانلاش، مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى.
كېرەكلىك ماتېرىياللار:
ئىلگىرىكى مەزگىلىدىكى بوغالتىرلىق دوكۇمېنتى، دەسلەپكى دوكۇمېنت، بانكىنىڭ تەپسىلىي تالونى، پېرېۋوت تالونى، ئومۇمىي ھېساب، تەپسىلىي ھېساب، ھېساب تۈرى قالدۇق جەدۋىلى، مالىيە مەلۇمات جەدۋىلى، باج تاپشۇرۇش مەلۇمات جەدۋىلى،باجغا تىزىملاتقانلىق ئىسپاتى مائاش جەدۋىلى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تالونى قاتارلىق كونا ھېسابات ماتېرىياللىرىنى يىغىش؛

发表评论 取消回复