1. كارخانا جۇڭگو بۇيۇملارنى كودلاشتۇرۇش مەركىزى ھۆكۈمەت تورىغا كىرىمىز.
2. . 立即申请 دىگەننى بېسىپ ، كېيىنكى بەتكە كىرىمىز.
3. يانفون نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇر نى كىرگۈزۈپ مۇقىملاشتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ كېيىنكى بەتكە كىرىمىز . ئەگەردە مەخپىي نومۇرنى ئۇنتۇپ قالغان ئەھۋالدا شىنجاڭ سىزىقلىق كود شۆبە مەركىزى بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سورىساق بولىدۇ.
4. تىزىملىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى بەت يۈزى ئېچىلىدۇ
5. ئۇزارتىش باسقۇچىغا كىرگەندىن كېيىن، بىرىنچى قەدەمدە ئۇچۇر كىرگۈزۈلىدۇ ، (قىزىل رەڭلىك كاتەكچىنى چوقۇم تولدۇرۇش كېرەك) ئۇچۇردا خاتالىق يوقلۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، 点击确认. ئىككىنچى قەدەمدە ماتېرىيال
6.يوللاش (قىزىل كاتەكچىنى چوقۇم تولدۇرۇش)تىجارەت كىنىشكىسىنى ئەسلى نۇسخىسى ياكى كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى يوللىسا بولىدۇ. (تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى يوللىغاندا ئۈستىگە بېسىلغان تامغا چوقۇم قىزىل رەڭدە بولىدۇ.) ئاندىن پۇل پېرېۋوت ئىسپاتىنى يوللاشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر توردا پۇل تۆلىگەندە بىۋاستە كېيىنكى بەتكە كىرسە بولىدۇ.
7. ئۈچىنچى قەدەمدە توردا ھەق تۆلەش ، بانكا ياكى ئۈندىدارنى تاللاش ئارقىلىق توردا پۇل تۆلەيمىز. 8. پۇل تۆلەش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكى بەت يۈزى ئېچىلىدۇ .
كارخانا ۋەكىلى بېجىرىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىق ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ماتېرىياللارنى ئېلىپ شىنجاڭ شۆبە مەركىزىدىن كىنىشكىمىزنى ئەكىلىۋالساق بولىدۇ. ئەسكەرتىش: تەكشۈرۈش ۋاقتى ئادەتتە 7-10 خىزمەت كۈنى بولىدۇ.
گۇۋاھنامە ئېلىشقا كېرەكلىك ماتېرىياللار
1.تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىغا تامغا بېسىلىدۇ.
2.داۋاملىق ئىشلىتىش تىزىملاش جەدۋىلىگە تامغا بېسىلىدۇ.
3. كونا كود گۇۋاھنامىسى.
发表评论 取消回复