پاي ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىش شىركەتنىڭ پاي ھوقۇقى ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولغان قانۇنىي ھادىسىنى كۆرسىتىدۇ، پاي ھوقۇقىنىڭ ئومۇمىي سانىدا ئۆزگىرىش بولدى، يەنى كارخانىنىڭ قانۇن بويىچە كاپىتالنى كۆپەيتىش، مەبلەغنى ئازايتىش؛ پاي ھوقۇقىنىڭ ئىگىدارىدا ئۆزگىرىش بولدى، يەنى پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بىرىشنى كۆرسىتىدۇ. ئەسكەرتىش: پاي ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىشتە ئاۋۋال قاراشلىق باج ئىدارىسىغا بېرىپ پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئۆتكۈزۋىلىش رەسمىتىنى بىجىرىش، ئاندىن سودا-سانائەت ئورگىنىدا  پاي ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىش كېرەك. باج پاي ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىشكە  كېرەكلىك ماتېرىياللار: 

(1) پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى ئىككى تەرەپنىڭ كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى؛ (2) پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش كېلىشىمى (توختام) نىڭ ئەسلى نۇسخىسى؛ (3) پاي ھوقۇقى ئۆزگەرگەن كارخانىنىڭ پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش پايچىكلار يىغىنىنىڭ قارارى؛ (4) پاي ھوقۇقى ئۆزگەرگەن كارخانىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىغا تامغا بېسىش نىزامنامىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھىسى؛ (5) پاي ھوقۇقىنى ئۆزگەرتكەن كارخانىنىڭ پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش مالىيە ئاساسىي جەدۋىلى، پايدا جەدۋىلى؛ (6) "شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇش خاتىرىسنىڭ " ئىسپاتى ؛ يۇقىرىقى ماتېرىياللارغا تامغا بېسىش كېرەك. سودا-سانائەت پاي ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىشكە كېرەكلىك ماتېرىياللار: ئەسلىدىكى پايچىكنىڭ كىملىكىنىڭ ئالدى-كەينى رەسىمى ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىغا تامغا بېسىش؛ ھازىرقى پايچىكلارنىڭ كىملىكىنىڭ ئالدى-كەينى رەسىمى ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىغا تامغا بېسىش؛ تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ۋە  مەمۇرىي تامغىسى؛ پايچىكلارنىڭ پاي ھوقۇقى نىسبىتى ۋە ئالاقىلىشىش تېلېفونى، شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇش خاتىرىسى.


点赞(0) 打赏

评论列表 共有 0 条评论

暂无评论

微信小程序

微信扫一扫体验

微信公众账号

微信扫一扫加关注

发表
评论
返回
顶部