كارخانىنىڭ نورمال تىجارىتىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم ئۇسۇللارنىڭ بىرى. مەسىلەن،يىللىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتمەي تۇرۇپ، شىركەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بارلىق گۇۋاھنامىلەرنى يىللىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ،شۇڭا تىجارەت كىنىشكىسىنى ۋاقتىدا يىللىق تەكشۈرۈش ئىنتايىن زۆرۈر. بۇرۇن نۇرغۇن ماتېرىياللارنى تەييارلاپ، ئاندىن سودا-سانائەت تارماقلىرىغا بېرىپ يىللىق تەكشۈرۈش ئېلىپ باراتتۇق، لېكىن ھازىر دۆلەت مەمۇرىي ئورۇنلارنى ئىخچاملاپ،كەسىپ بېجىرىشنى بارغانسېرى ئاددىيلاشتۇرۇۋاتقان بولغاچقا،بىز  تىجارەت كىنىشكىمىزنىڭ يىللىق تەكشۈرۈش خىزمىتىنى توردىلا قىلالايدىغان بولدۇق.  بۇ خىزمەت ھەر يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بولىدۇ. ئەگەر 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن ئېشىپ كەتكەن، لېكىن كارخانا يىللىق مەلۇماتنى تېخى يوللىمىغان بولسا،سودا-سانائەت تارمىقىنىڭ بىنورمال تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىدۇ ، كېيىن شىركەتنى  بىنورمال تىزىملىكىنى چىقىرىۋەتمەكچى بولساق، يىللىق تەكشۈرۈشنى  ئاددىي  يوللاپلا تۈگىمەيدۇ. شۇڭا كارخانىلار  يىللىق تەكشۈرۈشنى چوقۇم  ۋاقتىدا قىلىش  كېرەك. 

كېتەرلىك ماتىرىياللار:

 تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىى؛

قانۇنىي ئىگىنىڭ كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى. 

قەدەم باسقۇچلىرى:

1. بەيدۇدىن« شىنجاڭ  ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى» دەپ ئىزدەيمىز؛

2. كىرگەندىن كېيىن« بازار سۇبيېكتى يىللىق مەلۇماتى» نى تاللايمىز ؛

3. ئاندىن تىزىملىتىش بېتىگە كىرىدۇ، ئادەتتە ئېلېكتىرونلۇق تىجارەت كىنىشكىسى ئارقىلىق ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كىرىشكە ياكى رەقەملىك گۇۋاھنامە ئارقىلىق كىرىشكە  بولىدۇ؛

4. شىركەتنىڭ باش بېتىگە كىرگەندىن كېيىن ، يىللىق دوكلاتنى بېسىپ تولدۇرساق بولىدۇ؛ 

5. مۇنداق بىر ئەسكەرتىش ئۇچۇرى چىقىدۇ، بۇ ئابزاستا  ئاساسلىق دىمەكچى بولغىنى  ھەر يىللىق دوكلات ۋاقتى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بولىدۇ،  چوقۇم مۇشۇ بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئېچىدە يىللىق تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تاماملاش كېرەك ، توشقۇزغان ئۇچۇرلار چوقۇم ھەقىقىي بولۇشى كېرەك .  تۇنجى قېتىم يىللىق تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قىلغان  دوستلار تەپسىلىي ئوقۇپ چىققسا تېخىمۇ  ياخشى . ئاندىن ئاستىغا تارتىپ «كۆرۈپ بولدۇم» دىگەن خەتنى باسىمىز. 

6. بۇ بەتكە كىرگەندىن كېيىن ، رەسمىي توشقۇزۇشنى باشلىساق بولىدۇ. بىز ئالدى بىلەن شىركەتنىڭ ئاساسلىق ئۇچۇرلىرىنى توشقۇزىمىز .  ئادرېسى ، ئاساسلىق تىجارەت دائىرىسى  قاتارلىقلار تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ ئۈستىدىكى ئۇچۇرلار بويىچە توشقۇزۇلىدۇ . پاي ھوقۇقى كېپىللىكى بارمۇ يوق، تور بېكىتى تور دۇكىنى نارمۇ-يوق، پاي ھوقۇقىدا ئۆزگىرىش بولدىمۇ-يوق، مەبلەغ سېلىش ئۇچۇرى بارمۇ-يوق دىگەندەك بۇ بىرقانچە سۇئالدا « ھەئە» نى تاللىغان بولساق، مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلارنى تولدۇرۇشىمىز كېرەك. تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئاۋۋال ساقلاشنى چېكىمىز.

7. سول تەرەپتىن كېيىنكى تۈرنى تاللايمىز ، پايچىكلار ۋە مەبلەغ چىقىرىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تولدۇرىمىز . بۇ يەردە تولدۇرىدىغان مەبلەغ  سوممىسى رويخەتكە ئالدۇرغان ۋاقىتتا تولدۇرغان مەبلەغ سوممىسى بىلەن ئوخشاش ،مەبلەغ تاپشۇرۇش ۋاقتى شىركەت قۇرغان ۋاقىتتا تولدۇرغان مەبلەغ قايتۇرۇش  ۋاقتى  بىلەن ئوخشاش بولىدۇ . ئەمەلىي تاپشۇرغان مەبلەغ سوممىسى بولسا شىركەت قۇرغاندا قانچىلىك تاپشۇرغان بولساق  شۇنچىلىك تولدۇرىمىز، تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ساقلاشنى چېكىمىز.بىردىن ئارتۇق پايچىك بولسا داۋاملىق تولدۇرساق بولىدۇ، قەدەم باسقۇچلىرى ئوخشاش. 

8.چۈنكى ئالدىنقى بەتتە پاي ھوقۇقى كېپىللىكى، تور بەت تور دۇككىنى، پاي ھوقۇقىدا ئۆزگىرىش بولغان-بولمىغىنى قاتارلىق ئۇچۇرلاردا «ياق» نى تاللىغان بولغاچقا، بىۋاستە شىركەتنىڭ مال-مۈلۈك ئەھۋالىنى تولدۇرىمىز. بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، شىركەتنىڭ مال-مۈلۈك ئۇچۇرلىرى باج سېستىمى بىلەن بىردەك بولىشى كېرەك. 

9.ئاندىن شىركەت خادىملىرىنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئەھۋالىنى تولدۇرۇپ بولۇپ ساقلىۋەتسەك بولىدۇ. 

10.يۇقىرىدا تولدۇرغان ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ بولغاندىن كېيىن«تاپشۇرۇش ھەمدە ئېلان قىلىش» دىگەن خەتنى تاللايمىز. 

11.شۇنىڭ بىلەن يىللىق تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تاماملاپ بولغان بولىمىز. ئەگەر ئۇچۇرلاردا ئۆزگىرىش بولغان بولسا 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن ئۆزگەرتسەك بولىدۇ. 


点赞(0) 打赏

评论列表 共有 0 条评论

暂无评论

微信小程序

微信扫一扫体验

微信公众账号

微信扫一扫加关注

发表
评论
返回
顶部