قوشۇلما قىممەت بېجى تاۋارنىڭ ئوبوروت جەريانىدىكى ئاشقان قىممىتىنى باج ھېسابلاش ئاساسى قىلىپ ئېلىنىدىغان بىر خىل مال ۋە ئەمگەك-مۇلازىمەت بېجىنى كۆرسىتىدۇ. قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلىش دائىرىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە ئىچكى بازاردا سېتىلىدىغان مال ياكى ئەمگەك مۇلازىمىتى، سېتىش مۇلازىمىتى، شەكىلسىز مۈلۈك، كۆچمەس مۈلۈك ۋە ئىمپورت ماللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ باج تاپشۇرغۇچىنىڭ كەسىپ ۋە خاراكتېرى ئوخشاش بولمىغاچقا، باج نىسبىتى ۋە مەلۇم قىلىش مۇددىتى ئوخشاش بولمايدۇ. قوشۇلما قىممەت بېجى كىچىك كۆلەملىك باج تاپشۇرغۇچىلار ھەر يىلى -1، 4، 7، 10ئايدا پەسىل بويىچە ئىلتىماس قىلىدۇ، قوشۇلما قىممەت بېجى ئادەتتىكى باج تاپشۇرغۇچىلار ھەر ئايدا قوشۇلما قىممەت بېجىنى مەلۇم قىلىدۇ. ھازىرقى باج نىسبىتى13% ،  %9،  6%،  3%،  0%.


مەلۇم قىلىش ئۇسۇلى ئىككى خىل بولىدۇ:


(1)توردا ئىلتىماس قىلىش.


(2)ئۆزى ياكى ئىجتىمائىي ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتىغا ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى دۆلەت باج ئورگىنىنىڭ باج تاپشۇرۇش مۇلازىمەت نازارىتىنىڭ باج مەلۇم قىلىش كۆزنىكىگە بېرىپ باج مەلۇم قىلىشنى ھاۋالە قىلسابولىدۇ ، مەلۇم قىلىشتا تۆۋەندىكى ماتېرىياللار بولۇشى كېرەك:


(1)شىركەت تامغىسى بېسىلغان باج مەلۇمات جەدۋىلى؛


 


 (2)مالىيە يىغىنىنىڭ مەلۇمات جەدۋىلى ۋە چۈشەندۈرۈش ماتېرىياللىرى؛


 


قوشۇلما قىممەت بېجى تاپشۇرىدىغان ئادەتتىكى باج تاپشۇرغۇچىلار يەنە قوشۇلما قىممەت بېجىنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىشنى ئىلتىماس قىلىش دوكۇمېنتى، تالون ئېلىش، ئىشلىتىش، ساقلاش ئايلىق مەلۇمات جەدۋىلى، قوشۇلما قىممەت بېجىنىكىرگۈزۈش ۋە سېتىش تۈرىدىكى  باج سوممىسى تەپسىلىي جەدۋىلى، دۆلەت باج ئورگىنى مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلغان باشقا ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

点赞(0) 打赏

评论列表 共有 0 条评论

暂无评论

微信小程序

微信扫一扫体验

微信公众账号

微信扫一扫加关注

发表
评论
返回
顶部