
كارخانا تاپاۋەت بېجى كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تاپاۋىتى ۋە باشقا تاپاۋەتلىرىنى باج ھېسابلاش ئاساسى قىلىپ ئېلىنىدىغان بىر خىل باج. باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەتنىڭ دائىرىسى مال سېتىش تاپاۋىتى، ئەمگەك-مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش تاپاۋىتى، مال-مۈلۈكنى ئۆتۈنۈپ بېرىش تاپاۋىتى، پاي ئۆسۈمى، پايدا قاتارلىق ھوقۇق-مەنپەئەت سېلىنما تاپاۋىتى، ئۆسۈم تاپاۋىتى، ئىجارە ھەققى تاپاۋىتى، ئالاھىدە ئىجازەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىش ھەققى تاپاۋىتى، ھەدىيە تاپاۋىتى ۋە باشقا تاپاۋەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كارخانىلاردىن يۇقىرىقى تاپاۋەتكە ئېرىشكەنلىرى باج قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە كارخانا تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى كېرەك.

发表评论 取消回复