شىركەتنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش بىر شىركەتنىڭ ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانغان، باشقا شىركەتلەر تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان، بەلگىلەنگەن تىجارەت مۇددىتى توشسىمۇ داۋاملاشمىغان ياكى شىركەت ئىچكى قىسىمدا تارقىتىۋېتىلگەن ئەھۋالدا، شىركەت تىزىملاش ئورگىنىغا بېرىپ تىزىمدىن ئۆچۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىپ، شىركەتنىڭ قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ.


رويخەتتىن ئۆچۈرۈش سەۋەبى:

 شىركەتنىڭ تىزىمدىن ئۆچۈرۈلۈشىدە ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىكى ئىككى خىل سەۋەب بار، ئىچكى سەۋەب، مەسىلەن، شىركەتنىڭ تىجارىتى ياخشى بولماسلىق، بازار ياخشى بولماسلىق قاتارلىقلار. تاشقى سەۋەبلەر،مەسىلەن:ئەمەلدىن قالدۇرۇش، بىكار قىلىنىش قاتارلىقلار.


كونكرېت سەۋەبلەر تۆۋەندىكىچە: 

پايچىكلار ياكى پايچىكلار كېڭىشى شىركەتنى تارقىتىۋېتىش توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ؛ شىركەت ۋەيران بولغانلىقىنى قانۇن بويىچە جاكارلايدۇ؛ شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن تىجارەت مۇددىتى توشقان بولسىمۇ داۋاملاشتۇرمايدۇ؛ 

شىركەت نىزامنامىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن تارقىتىۋېتىش سەۋەبلىرى كۆرۈلىدۇ؛ شىركەت قوشۇۋېتىلىش، ئايرىۋېتىلىش سەۋەبىدىن تارقىتىۋېتىلىدۇ؛ شىركەت قانۇن بويىچە مەجبۇرىي تارقىتىۋېتىلىدۇ؛ شىركەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ياكى كۈچتىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن رويخەتتىن ئۆچۈرۈلىدۇ. 



شىركەت تىزىمدىن ئۆچۈرۈش جەريانىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكى ئورگانلارغا  بېرىپ مۇناسىپ  ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك: 

(1) باج ئىدارىسى: تاپشۇرۇلمىغان باج پۇلى ياكى خىراجەتنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ، ئاندىن شىركەتنىڭ دۆلەت، يەرلىك بېجىنى تىزىمدىن ئۆچۈرىدۇ. 

(2) بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى: شىركەتنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ، تىجارەت كىنىشكىسىنى، شىركەتنىڭ ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ. 

3. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىدارىسى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تولۇق تاپشۇرمىغان-تاپشۇرمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ، ئاندىن شىركەتنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھېسابات نومۇرىنى بىكار قىلىدۇ. 

(4) ھېسابات  ئاچقان بانكا: شىركەتنىڭ ھېسابات ئېچىش ئىجازەتنامىسى ۋە بانكىنىڭ ئاساسىي ھېساباتى قاتارلىق باشقا ھېساباتلىرى تىزىمدىن ئۆچۈرۈلىدۇ. 

(5) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى: شىركەت تامغىسىنىڭ  قانۇنىي كۈچىنى بىكار قىلىدۇ (تامغىنى ئۆزى يۇقىرىغا تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ). 


点赞(0) 打赏

评论列表 共有 0 条评论

暂无评论

微信小程序

微信扫一扫体验

微信公众账号

微信扫一扫加关注

发表
评论
返回
顶部