تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى ۋەمەمۇرىي تامغا،شۇ پەسىللىك قوشۇلما قىممەت بېجى مەلۇمات جەدۋىلى ، شۇ پەسىللىك ۋە شۇ يىللىق كارخانا تاپاۋەت بېجىنى مەلۇم قىلىش جەدۋىلى ، شۇ پەسىللىك ۋە شۇ يىللىق مالىيە مەلۇمات جەدۋىلى ، كارخانا تاپاۋەت بېجىنى ئېنىقلاش دوكلاتى ئالتۇن بىلەت كېسىش ئۈسكۈنىسى، تامغا.
ئەسكەرتىش: باج ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش سىستېمىسىدا شىركەتنى ئۆچۈرۈش ئېلان قىلىنىدۇ.
ئادەتتە رويخەتتىن ئۆچۈرۈش ئېلانى چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ 45 كۈن توشقاندا سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا بېرىپ ئادەتتىكى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنى ئىلتىماس قىلساق بولىدۇ، ئېلان مۆھلىتى توشقاندا، چوقۇم ئەسلىي تىزىملىغان ئورگانغا بېرىپ رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
ئاددىي تىزىمدىن ئۆچۈرۈشنىڭ ۋاقتى 20 كۈن بولىدۇ ، ئېلان قىلىنغاندىن كۈندىن باشلاپ 20 كۈن ئېلان مۆھلىتى توشقاندا، ئەسلى تىزىملىغان ئورگانغا بېرىپ ئاددىي تىزىمدىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك(ئىلان كۈنى توشقاندىن باشلاپ چوقۇم 20 كۈن ئىچىدە سودا سانائەت باشقۇرۇش ئىدارىسىغا بېرىپ شىركەت ئۆچۈرۈش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش كىرەك) .
سودا-سانائەتنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈشكە كېرەكلىك ماتېرىياللار:
تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى، تامغا، باجدىن ئۆچۈرۈش ئىسپاتىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ۋە كۆپەيتمە نۇسخىسى. ئاددى ئۆچۈرۈشتە قانۇنىي ۋەكىل نەق مەيدانغا كېلىپ ئىمزا قويۇپ رويخەتتىن ئۆچۈرىدۇ، ئادەتتىكى ئۆچۈرۈشتە بارلىق پايچىكلار توردا ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قويۇش ئارقىلىق تىزىمدىن ئۆچۈرىدۇ.
发表评论 取消回复