بىرىنچىدىن ،باج تاپشۇرۇش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ :
تارماق شىركەتنىڭ كارخانا تاپاۋەت بېجىنى باش شىركەت جەملەپ ھېساپلاپ تاپشۇرىدۇ .بالا شىركەت بولسا مۇستەقىل باج تاپشۇرغۇچى ھېساپلىنىدىغان بولۇپ ، پايدا زىيانغا ئۆزى ئىگە بولىدۇ، كارخانا تاپاۋەت بېجىنى ئۆزى جەملەپ ھېساپلاپ تاپشۇرىدۇ.
ئىككىنچىدىن ، قانۇنى جاۋاپكارلىقى ئوخشىمايدۇ :
تارماق شىركەتنىڭ قانۇنى جاۋاپكارلىقىنى باش شىركەت ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ .بالا شىركەتنىڭ قانۇنى جاۋاپكارلىقىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ .
ئۈچنىچىدىن : تارماق شىركەتتە قانۇنى ۋەكىل ۋە پايچېكلەر بولمايدۇ ،پەقەت مەسئۇل خادىملا بولىدۇ.
بالا شىركەتنىڭ بولسا مۇستەقىل پايچېكلىرى بار بولىدۇ .
تۆتىنچىدىن ،تارماق شىركەت ئۆز ئالدىغا بانكا قەرزى ئىلتىماس قىلالمايدۇ :
بالا شىركەتنىڭ بولسا ئۆز ئالدىغا بانكا قەرزى ئىلتىماس قىلىش سالاھىيتىگە ئىگە .
发表评论 取消回复