ئىگىلىك تىكلىگەندە  شىركەت قۇرغان ياخشىمۇ ياكى يەككە تىجارەتچى ھالەتتە تىجارەت قىلغان ياخشىمۇ ؟

شىركەت قۇرغان ياخشى ،بۇنىڭ تۆۋەندىكى 4 تۈرلۈك سەۋەبى بار :

ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدىكى خەۋپ-خەتەرنى كونتىرول قىلىشقا پايدىلىق:

  چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى چەكلىك مەسئۇلىيەتنى  ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ ، يەككە تىجارەتچى بولسا چەكسىز چاتما جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.

تىجارەتنى جانلاندۇرۇپ، تىجارەت كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە پايدىلىق :

   شىركەت ھەرقايسى چوڭ تىپتىكى ئېلىكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىدا دۇكان ئاچالايدۇ، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش ، ھۆكۈمەت تۈر مەبلىغى ئىلتىماس قىلىش ،خېرىدار  چاقىرىش قاتارلىقلارغا قاتنىشىش سالاھىيتىگە ئىگە بولالايدۇ، مەبلەغ يېتىشمىگەندە كارخانا قەرزى ئىلتىماس قىلالايدۇ، يەككە تىجارەتچى بولسا زور دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ.

شىركەت ئادېرسىنى ئېسىپ قويۇشقا بولىدۇ :

   شىركەت قۇرغاندا شىركەت ئادېرسىنى ئىگىلىك تىكلەش بوشلۇقى ،ئىگىلىك تىكلەش بازىسى قاتارلىق پەن – تېخنىكا ئىدارىسى تەستىقلاپ ،ئىجازەت بەرگەن ئورۇنلارغا ئولتۇرغۇزۇشقا بولىدۇ . ئەمما يەككە تىجارەتچىنىڭ چوقۇم  ئەمەلي تىجارەت سورۇنى بار بۇلىشى كېرەك .

كەلگۈسى تەرەققىياتقا پايدىلىق :

  شىركەتنىڭ تىجارىتى ۋە كۆلىمى زورايغاندا پاي ھۇقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىپ پايچېكلەرنى  كۆپەيتىشكە بولىدۇ . ئەمما يەككە تىجارەتچىدە پاي ھوقۇقى ۋە پايچېك دېگەن ئۇقۇم مەۋجۇت ئەمەس .


点赞(0) 打赏

评论列表 共有 0 条评论

暂无评论

微信小程序

微信扫一扫体验

微信公众账号

微信扫一扫加关注

发表
评论
返回
顶部