باج تاپشۇرغۇچى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە باج مەلۇم قىلمىسا ياكى باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرۇش، ۋاكالىتەن ئېلىپ تاپشۇرۇش مەلۇمات جەدۋىلىنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە يوللىمىسا، دۆلەت باج ئورگىنى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇشتىن سىرت، بەلگىلىك مىقداردا جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
باج باشقۇرۇش تارمىقى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان باج تاپشۇرغۇچىلار ئۆز ئالدىغا مەلۇم قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك، بۇ ئۆز ئالدىغا مەلۇم قىلىدىغان باشقۇرۇش تۈزۈمىنى باج ئورگىنى ياكى مەسئۇل تارماق تەستىقلايدۇ. باج تاپشۇرغۇچى ياكى باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى ئوخشىمىغان ئۇسۇل بىلەن ئىلتىماس قىلسا ۋە يۇقىرىغا يوللىسا بولىدۇ، كۆپىنچىسى پوچتا ياكى سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىست ئارقىلىق مۇناسىپ باج مەلۇم قىلىش ۋە باشقۇرۇش ئىشلىرىنى بېجىرسە بولىدۇ. مەلۇم قىلىش ياكى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرۇش ياكى ۋاكالىتەن ئېلىپ تاپشۇرۇش قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق باج پۇلىنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو يەنە باجنى قەرەللىك، نورمىلىق تاپشۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ باج تاپشۇرىدۇ، باج تاپشۇرۇش ئۇسۇلى جەھەتتە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاددىي مەلۇم قىلىش، ئاددىي قوشۇپ تاپشۇرۇش مۇددىتى قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، باج تاپشۇرۇشنى مەلۇم قىلىش خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ.
باج ئورگىنى باج تاپشۇرغۇچىلار باج تاپشۇرۇشنى ئۆزى مەلۇم قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. لېكىن باج ئورگىنىنىڭ تەستىقى بىلەن، باج تاپشۇرغۇچى، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى باج مەلۇم قىلىش رەسمىيىتىنى پوچتىدا ئەۋەتىش، سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىست شەكلىدە بېجىرسە ياكى باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرۇش، ۋاكالىتەن ئېلىپ تاپشۇرۇش مەلۇمات جەدۋىلىنى يوللىسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، باجنى قەرەللىك، نورمىلىق تاپشۇرۇشنى يولغا قويغان باج تاپشۇرغۇچىلار ئاددىي مەلۇم قىلىش، ئاددىي قوشۇپ ئېلىش مۇددىتى قاتارلىق باج مەلۇم قىلىش ئۇسۇلىنى يولغا قويسا بولىدۇ.
سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىست مەلۇم قىلىش
سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىستنى مەلۇم قىلىش باج ئورگىنى بېكىتكەن تېلېفون تاۋۇشى، ئېلېكتىرونلۇق سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرۇش ۋە توردا يوللاش قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق ئۇسۇللارنى كۆرسىتىدۇ. باج تاپشۇرغۇچى باج مەلۇم قىلىشتا، باج ئورگىنى بەلگىلىگەن مۆھلەت ۋە تەلەپ بويىچە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ساقلىشى كېرەك، باج تاپشۇرغۇچى باج مەلۇم قىلغاندا، باج مەلۇم قىلىش جەدۋىلىنى ئەينەن تولدۇرۇشى ھەمدە ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قاراپ تۆۋەندىكى ئالاقىدار گۇۋاھنامە، ماتېرىياللارنى مۇناسىپ يوللىشى كېرەك:
(1) مالىيە بوغالتىرلىق مەلۇمات جەدۋىلى ۋە ئۇنىڭ ئىزاھات ماتېرىياللىرى؛
(3) تالون كېسىش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئېلېكترونلۇق باج مەلۇم قىلىش ماتېرىيالى؛
(4) سىرتقا چىقىپ تىجارەت قىلىش پائالىيىتىدىكى باج باشقۇرۇش ئىسپاتى ۋە باشقا جايدا باجلاتقانلىق ئىسپاتى؛
(5)چېگرا ئىچى ياكى سىرتىدىكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى چىقىرىپ بەرگەن ئالاقىدار ئىسپات ھۆججەتلەر؛
(6) باج تاپشۇرغۇچى، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى باج مەلۇم قىلىش ياكى باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرۇش، ۋاكالىتەن ئېلىپ تاپشۇرۇش مەلۇمات جەدۋىلىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: باج تۈرى، باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تۈر ياكى باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرۇش، ۋاكالىتەن ئېلىپ تاپشۇرۇش تۈرى، باج ھېسابلاش ئاساسى، تۈر ۋە ئۆلچەمنى تۇتۇپ قېلىش، باج نىسبىتى ياكى ئورۇننىڭ باج سوممىسى، باج قايتۇرۇشقا تېگىشلىك تۈر ۋە باج سوممىسى، باج كەچۈرۈم قىلىشقا تېگىشلىك تۈر ۋە باج سوممىسى، تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسى ياكى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرۇلىدىغان باج سوممىسى، ۋاكالىتەن تاپشۇرىدىغان باج سوممىسى، باج پۇلىنى تۇتۇپ تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسى، باج تاپشۇرۇش مۇددىتى، كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرىدىغان باج سوممىسى،، كېچىكتۈرگەنلىك بېجى، باج سوممىسى قاتارلىقلار؛
(7) باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرۇش، ۋاكالىتەن ئېلىپ تاپشۇرۇش دوكلاتىنى بېجىرىشتە، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرۇش، ۋاكالىتەن ئېلىپ تاپشۇرۇش مەلۇمات جەدۋىلىنى ئەينەن تولدۇرۇشى ھەمدە باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرۇش، ۋاكالىتەن ئېلىپ تاپشۇرۇشقا دائىر قانۇنلۇق دوكۇمېنتلارنى، شۇنىڭدەك باج ئورگىنى بەلگىلىگەن باشقا ئالاقىدار گۇۋاھنامە، ماتېرىياللارنى يوللىشى كېرەك؛
(8)باج ئورگىنى مەلۇم قىلىشنى بەلگىلىگەن باشقا ئالاقىدار گۇۋاھنامە، ماتېرىياللار.
»جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باج ئېلىشنى باشقۇرۇش قانۇنى «دا باج تاپشۇرۇشنى مەلۇم قىلىش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك بەلگىلىمە چىقىرىلغان:
(1)باج تاپشۇرغۇچى، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى باج ئورگىنىغا بىۋاسىتە بېرىپ باج مەلۇم قىلسا ياكى باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرۇش، ۋاكالىتەن ئېلىپ تاپشۇرۇش مەلۇمات جەدۋىلىنى يوللىسا بولىدۇ ،ياكى باج مەلۇم قىلىش رەسمىيىتىنى پوچتىدا ئەۋەتىش، سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىست شەكلىدە بېجىرسە بولىدۇ
(2)باج تاپشۇرغۇچى، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى باج مەلۇم قىلىش ئىشىنى قەرەلىدە بېجىرەلمىسە ياكى باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرۇش، ۋاكالىتەن ئېلىپ تاپشۇرۇش مەلۇمات جەدۋىلىنى قەرەلىدە يوللىيالمىسا، مەلۇم قىلىش مۇددىتىنى باج ئورگىنىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق ئۇزارتسا بولىدۇ. تەستىق ئارقىلىق بېجىرىش بەلگىلەنگەن مەلۇم قىلىش، يوللاش ئىشلىرى بولسا، باج تاپشۇرۇش مۇددىتى ئىچىدە ئالدىنقى مەزگىلدە ئەمەلىي تاپشۇرغان باج سوممىسى ياكى باج ئورگىنى بېكىتكەن باج نورمىسى بويىچە باجنى ئالدىن تاپشۇرۇش ھەمدە تەستىق ئارقىلىق ئۇزارتىلغان مۇددەت ئىچىدە باج راسچوتىنى قىلىش كېرەك.
(3) ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باج تاپشۇرغۇچى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، باج تىزىم كىنىشكىسىنى كۆرسىتىپ، بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىدا ئاساسىي ئامانەت پۇل ئىسچوتى ۋە باشقا ئامانەت پۇل ئىسچوتى ئېچىشى ھەمدە بارلىق ھېسابات نومۇرىنى باج ئورگىنىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.
(4) باج تاپشۇرغۇچى باج تىزىم كىنىشكىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ باج مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىشلىتىدۇ. باج تىزىم كىنىشكىسىنى ئارىيەت بېرىشكە، ئۆزگەرتىشكە، يىرتىۋېتىشكە، ئېلىپ سېتىشقا ياكى ياسىۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.
باج مەلۇم قىلىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇن جاۋابكارلىقى »جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باج ئېلىشنى باشقۇرۇش قانۇنى« بويىچە بولىدۇ.
(1) باج تاپشۇرغۇچى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە باج مەلۇم قىلمىسا ياكى باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى، ۋاكالىتەن ئېلىپ تاپشۇرغۇچى باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرۇش، ۋاكالىتەن ئېلىپ تاپشۇرۇش مەلۇمات جەدۋىلىنى دۆلەت باج ئورگىنىغا بەلگىلەنگەن مۇددەتتە يوللىمىسا، دۆلەت باج ئورگىنى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇپ 2000 ،يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە 2000 يۈەندىن يۇقىرى 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛
(2) ئادەتتىكى باج تاپشۇرغۇچىلاردىن سېتىۋېلىنغان تۈرلەرنىڭ باج سوممىسى، سېتىلغان تۈرلەرنىڭ باج سوممىسى ۋە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسىنى بەلگىلىمە بويىچە مەلۇم قىلمىغان ھەمدە ھېسابات قىلمىغانلىرى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالانغاندىن سىرت، مەلۇم مۇددەت ئىچىدە كىرگۈزۈلگەن تۈرلەرنىڭ باج سوممىسىنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش سالاھىيىتى ۋە مەخسۇس تالونلارنى ئىشلىتىش ھوقۇقى بىكار قىلىنىدۇ، تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك قوشۇلما قىممەت بېجى بىردەك سېتىش سوممىسى ۋە بەلگىلەنگەن باج بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
发表评论 取消回复