1.ۋاكالىتەن ھېساب خاتىرىلەش

تالون كېىشنى بىلمىسىڭىز بىز سىزگە ياردەملىشىپ كېسىپ بېرىمىز ،باج ھېساباتى مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىپ بېرىمىز،باج خەۋپ-خەتىرىدىن مۇۋاپىق ئۆزىڭىزنى چەتكە ئېلىشىڭىزغا ياردىم قىلىمىز ،دوكۇمېنت، مەلۇمات جەدۋىلى تولۇق، ھېسابات ئېنىق بولىدۇ، باج مەسىلىسىدىن مەسلىھەتىڭىزگە كەسپىي ئانالىزئارقىلىق جاۋاپ بېرىمىز،  ھەمكارلىق پەقەت باشلىنىش، مۇلازىمەت مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ. 

  ۋاكالىتەن ھېساب خاتىرىلەشنىڭ ئالاھىدىكى:

1. خىراجەتنى تېجەپ قالالايسىز ، كەسپىي كوللېكتىپنىڭ مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايسىز . 

2. كومپيۇتېر تېخنىكىسىنى قوللىنىمىز ، ئۈنۈمى يۇقىرى، خاتالىق نىسبىتى تۆۋەن. 

3. ھۆكۈمەت تەكشۈرۈپ تەستقىلىغان ، مۇنتىزىم كەسىپلەشكەن ، ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەت كاپالەتكە ئىگە، كارخانىلارنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى تۈگىتدۇ. 

4. كەسپىي خادىملار كارخانا ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، كارخانىلارنىڭ باج سىياسىتىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇچۇر راۋان بولماسلىق، زېھنىي كۈچ چەكلىك بولۇش سەۋەبىدىن چۈشىنىش توغرا بولماسلىق، كۆپ قېتىم گىرەلەشمە باج تاپشۇرۇش، كارخانىلارغا زۆرۈر بولمىغان ئىقتىسادىي يۈك ئېلىپ كېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. 

5 ۋاكالىتەن ھېساب خاتىرىلەش شىركىتىنىڭ كەسپىي خادىملىرى كارخانىنىڭ تىجارەت ئەھۋالىغا ئاساسەن، باشقۇرۇش تەكلىپى ۋە مالىيىنى نازارەت قىلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كارخانىنىڭ باشقۇرۇش ياخشى بولماسلىق تۈپەيلىدىن تىجارەت ئۈنۈمىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ئەڭ زور دەرىجىدە ساقلىنىپ، ئەڭ زور ئۈنۈمگە ئېرىشىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

ۋاكالىتەن ھېساب خاتىرىلەشتە دېققەت قىلىدىغان ئىشلار:

1. بەزى ۋاكالىتەن ھېسابات قىلىش شىركەتلىرى ھاۋالە قىلغۇچى ئورۇن بىلەن رەسمىي ھاۋالىلىك ۋاكالەتچىلىك توختامى تۈزمىگەن بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقى، مەجبۇرىيىتىگە قارىتا ئېنىق بەلگىلىمە يوق، ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا باشقىچە پىكىرگە دۇچ كەلگەندە، ھەمىشە مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولمايدۇ. 

2. ئايرىم« ۋاكالىتەن ھېساب خاتىرىلەش شىركىتى» نىڭ ۋاكالىتەن ھېساب خاتىرىلەش سالاھىيىتى بولمىسا (شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسى تەستىقلىغان ۋاكالىتەن ھېساب خاتىرىلەش ئىجازەتنامىسى، بوغالتىرلىق ئىش ئورنىغا چىقىش گۇۋاھنامىسى قاتارلىقلار) ، مەسىلە كۆرۈلسە جاۋابكارلىقتىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، ھاۋالە قىلغان ئورۇننىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. 

3. بوغالتىرلىق ماتېرىياللىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش-تاپشۇرۇۋېلىش ئاۋارىچىلىق بولۇپ، ئانچە ئۆلچەملىك بولمىسا،  ۋاكالىتەن ھېسابقا خاتىرىلىگۈچى ئورۇن ھاۋالە قىلغان ئورۇننىڭ بوغالتىرلىق دەسلەپكى دوكۇمېنتى ۋە ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئۆتكۈزۈۋېلىش رەسمىيىتىنى بېجىرمىسە ، ماتېريالنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى ياكى بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىغاندا، تاپقىلى بولمايدۇ. 

4. ھەق ئېلىش ئۆلچىمى جەھەتتە، ھەر قايسى ۋاكالىتەن ھېسابات قىلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ پەرقى بىر قەدەر چوڭ، بەزى ۋاكالىتەن ھېسابات قىلىش ئاپپاراتلىرى ھەتتا تۆۋەن باھادا يامان غەرەزدە رىقابەتلىشىدۇ، يەنە بىر قىسىم ۋاكالىتەن ھېسابات قىلىش ئاپپاراتلىرى ئۆزىنىڭ تىجارەت كىرىمىنى ھېسابلىشى قېلىپلاشمىغان. كىرىمنى يۇشۇرۇش ھادىسىسى بىرقەدەر ئومۇملاشقان .


بىر بېكەتلىك مۇلازىمەت ئاپپاراتى 

1)ۋاكالىتەن ھېسابقا خاتىرىلەشنىڭ ئېنىقلىمىسى: < < بوغالتىرلىق قانۇنى> > نىڭ 36-ماددىسىدا ئېنىق قىلىپ مۇنداق بەلگىلەنگەن: < < تەسىس قىلىش شەرتىنى ھازىرلىمىغان بولسا، تەستىق ئارقىلىق تەسىس قىلىنغان بوغالتىرلىق ۋاكالىتەن ھېسابقا خاتىرىلەش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋاسىتىچى ئاپپاراتنىڭ ۋاكالىتەن ھېسابقا خاتىرىلىشىگە ھاۋالە قىلىش كېرەك. ۋەكالىتەن ھېساب خاتىرىلەش شۇ كارخانىنىڭ بوغالتىرلىق ھېساباتىنى كۆرسىتىدۇ. ھېساب خاتىرىلەش، باج مەلۇم قىلىش قاتارلىق بىر قاتار خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسى كەسپىي ھېساب خاتىرىلەش شىركىتىنىڭ تاماملىشىغا ھاۋالە قىلىنىدۇ.  

مەزكۇر كارخانا پەقەت كاسسىر تەسىس قىلىپ، كۈندىلىك پۇل كىرىم-چىقىم كەسپى ۋە مال-مۈلۈكنى ساقلاش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ. 

2)ۋاكالىتەن ھېسابقا خاتىرىلەشنىڭ ئالاھىدىلىكى: بوغالتىرلىق مەسلىھەتچىلىكى، مۇلازىمەت ئاپپاراتى ۋە باشقا گۇرۇپپا قاتارلىق تەستىق بىلەن قۇرۇلغان بوغالتىرلىق ۋاكالىتەن ھېسابقا خاتىرىلەش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋاسىتىچى ئاپپاراتلارنىڭ مۇستەقىل ھېسابات قىلىدىغان ئورۇننىڭ ھاۋالىسى ھېساب خاتىرىلەش، ھېسابات قىلىش، ھېساب ئۆتكۈزۈش كەسپىنى بېجىرىشتىكى بىر خىل ئىجتىمائىي خاراكتېرلىك بوغالتىرلىق مۇلازىمەت پائالىيىتىنى قوبۇل قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. . ھاۋالە توختامى تۈزۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھاۋالە قىلغۇچى ۋە ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇق-مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.  

3)ۋاكالىتەن ھېسابقا خاتىرىلەش ئاپپاراتى: قانۇن بويىچە تەستىقلىتىپ تەسىس قىلىنغان ۋاكالىتەن ھېسابقا خاتىرىلەش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋاستىچى ئاپپاراتنى كۆرسىتىدۇ. ۋاكالىتەن ھېساب خاتىرىلەش ئاپپاراتى ئاساسلىقى ۋاكالىتەن ھېساب خاتىرىلەش شىركىتى، بوغالتىرلىق ئورنى، مەسئۇل باجگىرلىك ئورنى ھەمدە ۋاكالىتەن ھېساب خاتىرىلەش سالاھىيىتىگە ئىگە باشقا ئىجتىمائىي مەسلىھەتچىلىك مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى قاتارلىق بىرقانچە چوڭ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

مۇلازىمەت مەزمۇنى: بوغالتىرلىق دوكۇمېنتىنى تولدۇرۇپ، ئومۇمىي ھېسابات، تەپسىلىي ھېسابات، مالىيە مەلۇمات جەدۋىلى تۈزۈش؛ كارخانىنىڭ ئايلىق، پەسىللىك، يىللىق قوشۇلما قىممەت بېجى، كارخانا تاپاۋەت بېجى، قوشۇمچە باج، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىراجىتى، مېيىپلەر كاپالەت پۇلى، ماركا بېجى شۇنىڭدەك باشقا باجلارنى مەلۇم قىلىش ، قوشۇپ ھېسابلاپ تاپشۇرۇش؛ تالون كېسىش؛ بانكا ھېساب سېلىشتۇرۇش، مېمورىئال قىلىش؛ ئىش ھەققىنى ۋاكالىتەن تارقىتىش؛ كارخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى مەلۇم قىلىش؛ 

كېرەكلىك ماتېرىياللار: 

(1) بانكىنىڭ تەپسىلىي تالونى، قايتۇرۇش تالونى؛ 

(2) مال كىرگۈزۈش تالونى، مال سېتىش تالونى؛ 

(3) شىركەت ھەر خىل خىراجەت چىقىم تالونلىرى  

(4) سېتىۋېلىش-سېتىش توختامى. 

(5) ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۇچۇر جەدۋىلى، مائاش جەدۋىلى؛ 

(6) سېتىۋېلىنغان مۇقىم مۈلۈك تالونى؛ 

(7) بېلەت كېسىش ئاپپاراتىنىڭ ئايلىق سىتاتسىتىكا جەدۋېلى؛ 

(8)تاموژنا مەلۇم قىلىش تالونى. 


ۋاكالىتەن ھېسابقا خاتىرىلەشنىڭ خىزمەت تەرتىپى:

1.كۆزىتىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش:

خېرىدارلار بىز بىلەن بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ مەيدانىنى تەكشۈرۈپ، دەسلەپكى قەدەمدە ھاۋالە مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، بوغالتىر مەخسۇس خادىمى ئەۋەتىپ خېرىدارلار بىلەن مالىيە-باج مەسلىھەتى ئېلىپ بېرىپ، كارخانىلارىنىڭ تىجارەت ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، بىر قەدەر مۇۋاپىق بولغان مالىيە-باج لايىھەسىنى تۈزۈپ، كېڭىشىپ ۋاكالىتەن ھېسابقا خاتىرىلەشتىن باشقا مۇلازىمەت تۈرلىرىنى بېكىتىپ، ۋاكالەتچىلىك كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى پۈتۈشىدۇ. 

2. مەسئۇل بۇغالتىر تەيىنلەش :

كېلىشىم ئىمزالانغاندىن كېيىن، مەخسۇس بوغالتىر  خادىملىرىنى خېرىدارلارغا يېتەكچىلىك قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، شىركەتنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، شىركەت ھېسابات دەپتىرى تەسىس قىلىپ، ھېساب تۇرغۇزۇشنى باشلايدۇ. تالونلارنى قېلىپلاشتۇرۇش تەييارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، شىركەتنىڭ تىجارەت ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەر قايسى باج پىلانلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ، باج  خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ. كېلىشىم مەزمۇنىغا ئاساسەن ۋاكالىتەن ھېساب خاتىرىلەشنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك مالىيە تەييارلىقى قىلىنىدۇ. 

3. مالىيە بۇغالتىرلىق مەشخۇلاتى ئېلىپ بېرىش :

كومپيۇتېر ئارقىلىق ھېساب خاتىرىلەپ تەكشۈرۈش دوكۇمېنتى، ھېساب دەپتىرى، مەلۇمات جەدۋىلى تۈزۈش، باج تاپشۇرۇش مەلۇمات جەدۋىلى تولدۇرۇش، توردا باج مەلۇم قىلىش، بانكا ھېساۋاتى ئارقىلىق باج تاپشۇرۇشنى تاماملاش. 

4. مالىيە باج تەھلىلى ئېلىپ بېرىش :

خېرىدارلار ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، خېرىدارلار ماتېرىياللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. خېرىدارلارنى مالىيە بوغالتىرلىق ئۇچۇرى بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلەيدۇ. شىركەت مۇئامىلىسىدىكى پۇل، خىراجەت ئىشلىتىش تەپسىلىي ئەھۋالىنى شۇ مەزگىلدىكى پايدا-زىياننى تەھلىل قىلىپ، شىركەتنىڭ مالىيە باشقۇرۇشىغا ھەمكارلىشىدۇ. شىركەت ئۈچۈن مالىيە تۈزۈمىنى لايىھىلەپ، شىركەتنىڭ باج تاپشۇرۇش ھېسابات سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ۋاكالىتەن لايىھىلەپ، ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ، شىركەتنى مال-مۈلۈك جەھەتتىن تەھلىل قىلىپ، باشقا باشقۇرۇش تەكلىپلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. 

5. خېرىدارلارنى قايتا زىيارەت قىلىش


ھېساپ تۇرغۇزۇش مۇلازىمىتى

مەسلىھەت سوراش، كېلىشىش

بوغالتىرلىقتا مەسلىھەت بېرىش، ھاۋالە قىلىنغان ئىشلارنى كېڭىشىش، ئىككى تەرەپنىڭ مەيدانىنى تەكشۈرۈش 


2.توختام ئىمزالاش

ئىككى تەرەپ ۋاكالىتەن ھېسابات قىلىش توختامى ئىمزالايدۇ ھەمدە ھاۋالە قىلىنغان ۋاكالەتچىلىك ھەققىنى راسچوت قىلىدۇ. 

3.ۋاكالىتەن ھېسابقا خاتىرىلەشىنى قۇبۇل قىلىش 

تاشقى ئىشلار بوغالتىرلىق مەخسۇس خادىمىنى ىېرىدارلارنىڭ ئىشىك ئالدىغا بېرىپ بوغالتىرلىق دەسلەپكى دوكۇمېنتىنى ئۆتكۈزۋېلىشقا ئەۋەتىدۇ  ياكى خېرىدارلار شىركەتكە كېلىپ بوغالتىرلىق دەسلەپكى دوكۇمېنتىنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

4.ھېساپ تۇرغۇزۇپ، مالىيە مەلۇمات جەدۋىلى تۈزۈش

دەسلەپكى دوكۇمېنتنى تەكشۈرۈش، ھېساب خاتىرىلەش دوكۇمېنتى تولدۇرۇش، مالىيە ھېساب دەپتىرىنى تىزىملاش، مالىيە مەلۇمات جەدۋىلىنى تۈزۈش 

5.باج مەلۇم قىلىش 

باج تاپشۇرۇشنى ۋاكالىتەن مەلۇم قىلىش،شىركەت تامغىسىنى بېسىش، بانكا ھېساۋاتى ئارقىلىق باج تاپشۇرۇش 

6.مالىيە ئارخىپى تۇرغۇزۇش

بوغالتىرلىق ماتېرىياللىرىنى تۈپلەپ ئارخىپلاشتۇرۇش. ﺑﻮﻏﺎﻟﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴاللىرىنى ئۆتكۈزۈش 


7.خېرىدارلارنى قايتا زىيارەت قىلىش

بوغالتىرلىق مەخسۇس خادىمى قەرەللىك خېرىدارلارنى زىيارەت قىلىش، خېرىدارلارنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلىش، خېرىدار مۇلازىمىتى. 


ۋاكالىتەن بېجىرىش:

(1)   كارخانىلارنىڭ سودا-سانائەت، باج تىزىملىتىش، تىزىم ئۆزگەرتىش ۋە تىزىمدىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش. 

(2) كارخانا تاپاۋەت بېجىنى جەملەپ ھېسابلاپ تولۇق تاپشۇرۇش، تەپتىش قىلىش، تەستىق رەسمىيىتىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش. 

(3) ئادەتتىكى باج تاپشۇرغۇچىلىق سالاھىيىتنى بېكىتىشنى  ۋاكالىتەن بېجىرىش.

(4) سودا سانائەت، باج يىلىىق تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش. 

(5) باجنى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىشنى ۋاكالىتەن بېجىرىش، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ۋاكالىتەن بېجىرىش، باج ئورگانلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ماسلاشتۇرۇش. 

(6)ھاۋالە قىلغۇچى تەلەپ قىلغان باشقا ۋاكالەتچىلىك كەسپى. 

مالىيەنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش

 كارخانا مالىيەسىنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ، كارخانا ئۈچۈن ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمى، مالىيە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى لايىھەلەپ تۈزۈش، كارخانىلارنى ھەر تەرەپلىمە تىجارەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، تىجارەتنى تەھلىل قىلىش، مالىيە ئانالىز دوكلاتى تۈزۈش، مالىيە-باج پىلانى تۈزۈش، كارخانىلارنىڭ تىجارەت خەۋپ-خەتىرى، مالىيە-باج خەۋپ-خەتىرىنى كونترول قىلىش، ھاۋالە قىلىنغۇچى ئورۇننىڭ بوغالتىرلىق ھېساباتى، باج ئىشلىرىنى پىلانلاش، باج مەلۇم قىلىش، ئىچكى ئىقتىسادىي تەپتىش، سودا-سانائەت-باج ئىشلىرىنى رويخەتكە ئېلىشنى يىللىق تەكشۈرۈش، مالىيە-باج مەسلىھەتچىلىكى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەش 


دەۋر مالىيە ۋاكالەتچىلىكى

كەسپىي مالىيە-باج ئەترىتى قۇشۇنى، ئېھتىياتچان، ئەستايىدىل، ئىنچىكە، ئەتراپلىق مۇلازىمەت پوزىتسىيەسى بىلەن كارخانىلارنى مالىيە-باج ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ. مۇستەقىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئەترىتى، دەۋرنى شىركىتىنى تاللاڭ ،مول مەشغۇلات تەجرىبمىز ئارقىلىق، ، سىز بىلەن بىللە ئورتاق ئىلگىرلەيمىز! 


مۇلازىمەت كاپالىتى: مالىيە ئىدارىسى ئەنگە ئالغان كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتى؛ ئون يىللىق كەسىپ تەجرىبىسىگە ئىگە؛ كەسپىي قۇشۇن؛ دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا رىئايە قىلىش؛ مالىيە بوغالتىرلىق تۈزۈمىگە قاتتىق رىئايە قىلىش؛ خېرىدارلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش؛ خېرىدارلارنىڭ سودا مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش؛ تۆۋەن باھا بىلەن خېرىدارلارنى كەسپىي بوغالتىرلىق كوللېكتىپىنىڭ كەسىپلەشكەن مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىش. 


点赞(0) 打赏

评论列表 共有 0 条评论

暂无评论

微信小程序

微信扫一扫体验

微信公众账号

微信扫一扫加关注

发表
评论
返回
顶部