ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇش ئۇقۇمىنىڭ ئاساسىي مەنىسى 

ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇش، تولۇق ئاتىلىشى ئېكسپورت ماللىرىدىن قايتۇرۇلغان (كەچۈرۈم قىلىنغان) باج تاموژنىغا مەلۇم قىلىنغان ئېكسپورت ماللىرىدىن دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ھالقىلىرى ۋە ئوبوروت ھالقىلىرىدا باج قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تاپشۇرۇلىدىغان قوشۇلما قىممەت بېجى ۋە ئىستېمال بېجىنى قايتۇرۇش ياكى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسىنى كەچۈرۈم قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ خەلقئارا سودىدا دائىم قوللىنىلىدىغان ھەمدە ھەرقايسى دۆلەتلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مال ئېكسپورت قىلىشتا ئادىل رىقابەتلىشىشىگە ئىلھام بېرىشنى مەقسەت قىلغان  بىر خىل باج تەدبىرى. (ۋاسىتىلىك باج بولۇپ،مەقسەت بولسا قوش باج ئېلىشتىن ساقلىنىش)

مۇھىم رولى:

ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئېلىمىزنىڭ تاشقى ئېكسپورت سودىسىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم مەدەت ۋە ئىلھام بېرىش رولىنى ئوينىدى (ئۈچنى ئىلگىرى سۈرۈش)

قانۇن ئاساسى :

« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجى ۋاقىتلىق نىزامنامىسى» نىڭ 2-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: باج تاپشۇرغۇچى ئېكسپورت قىلغان ماللارنىڭ باج نىسبىتى نۆل؛ لېكىن، گوۋۇيۈەننىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بارلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستېمال بېجى ۋاقىتلىق نىزامنامىسى » نىڭ 11-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: باج تاپشۇرغۇچى ئېكسپورت قىلغان باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىستېمال بۇيۇملىرىدىن ئىستېمال بېجى ئېلىنمايدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

ئاساسىي پرىنسىپ :

ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇش سىياسىتىنى بەلگىلەش ۋە تەڭشەشتە ئەمەل قىلىدىغان ئاساسلىق پرىنسىپلار مۇنۇلار: 

خەلقئارا ئادەت پرىنسىپى

 يەر تەۋەلىكى بويىچە باشقۇرۇش پرىنسىپى 

قانچىلىك ئالسا شۇنچىلىك قايتۇرۇش پىرىنسىپى 

 ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش پىرىنسىپى

باج قايتۇرۇش شەكلى:

ئادەتتە قايتۇرۇش شەكلى ئىككى خىل بولۇپ، بىرى، ئىمپورت بېجىنى قايتۇرۇش، يەنى ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرى كارخانىلىرى ئىمپورت قىلىنغان خام ئەشيا ياكى يېرىم تەييار مەھسۇلاتنى پىششىقلاپ ئىشلەپ ئېكسپورت قىلغاندا، ئۆزى تاپشۇرغان ئىمپورت بېجىنى قايتۇرۇش؛ يەنە بىرى، تاپشۇرۇلغان دۆلەت ئىچىدىكى باج پۇلىنى قايتۇرۇش، يەنى كارخانىلار تاۋارنى تاموژنىغا مەلۇم قىلىپ ئېكسپورت قىلغاندا، ئۆزى ئىشلەپچىقارغان تاۋار ئۈچۈن تاپشۇرغان دۆلەت ئىچىدىكى باجنى قايتۇرۇش. ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇش ئۆز دۆلىتى تاۋارلىرىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق پايدىلىنىدۇ. 

شەرتلەر: 

(1) قوشۇلما قىممەت بېجى، ئىستېمال بېجى ئېلىش دائىرىسىدىكى ماللار بولۇشى شەرت. قوشۇلما قىممەت بېجى، ئىستېمال بېجى ئېلىش دائىرىسىدىكى ماللار بولسا  يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىدىن بىۋاسىتە سېتىۋېلىنىدىغان باج كەچۈرۈم قىلىنىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن باشقا قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلىنىدىغان بارلىق ماللار ھەمدە تاماكا، ھاراق، گىرىم بۇيۇملىرى قاتارلىق 11 تۈردە ئىستېمال بېجى ئېلىنىدىغان ئىستېمال بۇيۇملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

نېمىشقا چوقۇم مۇشۇ سەرتنى ھازىرلاش كېرەك دەيمىز، چۈنكى ئېكسپورت ماللىرىدىن باج قايتۇرۇش (كەچۈرۈم قىلىش) ئۈچۈن پەقەت قوشۇلما قىممەت بېجى، ئىستېمال بېجى ئېلىنغان ماللاردىن ئېلىنغان باج سوممىسى ۋە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسى قايتۇرۇلىدۇ ياكى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. قوشۇلما قىممەت بېجى، ئىستېمال بېجى ئالمىغان ماللار (جۈملىدىن دۆلەت باج كەچۈرۈم قىلىشنى بەلگىلىگەن ماللار) نىڭ بېجىنى قايتۇرۇشقا بولمايدۇ، بۇ« ئالماي تۇرۇپ قايتۇرماسلىق» پىرىنسىپىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرىدۇ. 

(2) تاموژنىغا مەلۇم قىلىپ چېگرادىن چىقىدىغان مال بولۇشى شەرت. ئېكىسپورت قىلىش دېگىنىمىز، ئېكىسپورت قىلىش ئۆتكىلىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ئۆز ئالدىغا ئېكىسپورت قىلىش ۋە ۋاكالىتەن ئېكىسپورت قىلىشنى ھاۋالە قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مالنىڭ چېگرادىن چىقىدىغان – چىقمايدىغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈش مالنىڭ باج قايتۇرۇش (كەچۈرۈم قىلىش) دائىرىسىگە كىرىدىغان – كىرمەيدىغانلىقىنى بېكىتىشتىكى ئاساسلىق ئۆلچەملەرنىڭ بىرى. ئومۇمەن دۆلەت ئىچىدە سېتىلىدىغان، تاموژنىغا مەلۇم قىلماي چېگرادىن چىقىرىلىدىغان ماللارنىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بارلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئېكسپورت كارخانىلىرىنىڭ تاشقى پېرېۋوت ياكى خەلق پۇلى ئارقىلىق راسچوت قىلىشىدىن، شۇنداقلا ئېكسپورت كارخانىلىرىنىڭ مالىيە جەھەتتە قانداق بىر تەرەپ قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئېكسپورتتىن باج قايتىدىغان مال دەپ  قاراشقا بولمايدۇ. 

چېگرا ئىچىدە تاشقى پېرېۋوت ئالىدىغان ماللارنى، مەسىلەن: مېھمانخانا، مېھمانساراي قاتارلىق تاشقى پېرېۋوت ئالىدىغان ماللارنى سېتىشتا، چېگرىدىن چىقىپ ئېكسپورت قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكتىن، باجنى قايتۇرۇشقا (كەچۈرۈم قىلىشقا) يول قويۇلمايدۇ. 

(3) چوقۇم مالىيە جەھەتتە ئېكىسپورت قىلىنغان مال قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنغان مال بولۇشى كېرەك. ئېكىسپورت قىلىنغان مال پەقەت مالىيەدە ئېكىسپورت قىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، ئاندىن باجنى قايتۇرۇش (كەچۈرۈم قىلىش) رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇش (كەچۈرۈم قىلىش) بەلگىلىمىسى پەقەت سودا خاراكتېرلىك ئېكسپورت ماللىرىغىلا ماس كېلىدۇ، غەيرىي سودا خاراكتېرلىك ئېكسپورت ماللىرىغا، مەسىلەن، ھەدىيە قىلىنغان سوۋغات، دۆلەت ئىچىدىكى شەخسلەر سېتىۋالغان ھەم ئۆزى چېگرادىن ئېلىپ چىققان مال (ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا) ، ئەۋرىشكە، كۆرگەزمە بۇيۇمى، پوچتىدىن ئەۋەتكەن بۇيۇم قاتارلىقلارغىلا ماس كېلىدۇ، ئۇلار ئادەتتە مالىيە جەھەتتە سېتىپ بىر تەرەپ قىلىنمىغاچقا، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان بەلگىلىمە بويىچە قايتۇرۇلمايدۇ (كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ). 

(4) پېرېۋوت قىلىنغان ھەمدە ھېسابتىن كۆتۈرۈۋېتىلگەن ماللار بولۇشى شەرت. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان بەلگىلىمە بويىچە، ئېكسپورت كارخانىلىرى ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇش (كەچۈرۈم قىلىش) بېجى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغان ماللار تاشقى پېرېۋوت ئېلىنغان ھەمدە تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش تارمىقى تەكشۈرۈپ ھېسابتىن كۆتۈرۈۋەتكەن ماللار بولۇشى لازىم. 

كېرەكلىك ماتېرىياللار: 

(بىر) ئېكسپورت قىلىش ئۇسۇلى: ئۆز ئالدىغا ئېكسپورت قىلىش، ئېكسپورت قىلىشنى ھاۋالە قىلىش. 

(2) ئېكسپورت ئاساسىي ئەھۋالى: تاموژنىغا مەلۇم قىلىش نومۇرى ۋە ئېكسپورت ۋاقتى، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ نامى، ئېكسپورت توختام نومۇرى ۋە ئىمزالانغان ۋاقتى؛ 

(3) چەت ئەلدىن پېرېۋوت كىرىم قىلىش ئەھۋالى: پېرېۋوت كىرىم قىلىنغان ۋاقىت ۋە راسچوت قىلىش ئۇسۇلى، پۇل تۈرى ۋە سوممىسى، پېرېۋوت راسچوت قىلىنغان بانكا تالون نومۇرى، چەت ئەلدىكى پۇل چىقىم قىلغۇچى (ياكى ئورۇن) نىڭ نامى، پۇل كىرىم قىلغۇچى بانكا ۋە ھېساب نومۇرى؛ 

4. سېتىۋالغان تاۋارنىڭ دۆلەت ئىچىدە پۇل تۆلەش ۋە پۇل ئېلىش ئەھۋالى قوشۇلما قىممەت بېجى مەخسۇس تالون كودى، نومۇرى، مال بىلەن تەمىنلىگۈچى كارخانىنىڭ نامى، باج تاپشۇرغۇچىنىڭ پەرقلەندۈرۈش نومۇرى ۋە مال بىلەن تەمىنلىگۈچى كارخانىنىڭ ئادرېسى، سېتىۋېلىش-سېتىش توختام نومۇرى ۋە ئىمزالانغان ۋاقىت، سېتىۋېلىش-سېتىش توختام سودىگىرىنىڭ نامى، ماركا ئۆلچىمى، مال پۇلى ۋە پۇل تۆلەش ۋاقتى، مال پۇلىنى تۆلەش ئۇسۇلى، مال پۇلىنى تۆلەش تالونى نومۇرى، مال پۇلى ۋە باج پۇلىنى تاپشۇرماسلىق سەۋەبى، پۇل تاپشۇرۋالغۇچى (ياكى ئورۇن) ھېساب ئاچقان بانكا ۋە ھېسابات نومۇرى؛ 

5. سېتىۋالغان تاۋارلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ترانسپورت ئەھۋالى. 

دۆلەت ئىچىدىكى كىرا ھەققىنى تۆلىگۈچى تەرەپ، تىرانسپورت ئورۇنلىرى ۋە باج تاپشۇرۇش پەرقلەندۈرۈش نومۇرى، تىرانسپورت ئورۇنلىرى ۋە باج تاپشۇرۇش پەرقلەندۈرۈش نومۇرى، توشۇش ھەققىنى تۆلىگۈچى ئورۇن (تۆلىگۈچى) ، توشۇش ئۇسۇلى، تىرانسپورت تالونلىرىنىڭ نامى ۋە نومۇرى، تىرانسپورت تاۋارلىرىنىڭ نامى، سانى، ئېغىرلىقى، ھەجمى، مال تارقىتىش ئورنى ۋە مال تارقىتىش ئادرېسى، مال ئەۋەتىش ۋاقتى، مال ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە تېلېفون نومۇرى، توشۇش ئادرېسى، تاۋار قوبۇل قىلغۇچى ئىمزا قويغۇچى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئورۇن، مەزكۇر شىركەتنىڭ ئىسكىلاتقا مال كىرگۈزۈش تالۇن نومۇرى. 


点赞(0) 打赏

评论列表 共有 0 条评论

暂无评论

微信小程序

微信扫一扫体验

微信公众账号

微信扫一扫加关注

发表
评论
返回
顶部